جاڭ چىڭخې: دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش قەھرىمانى

جاڭ چىڭخېنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 7- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جىۋېي) «چوڭ تاغام جاڭ چىڭخې كىچىك ۋاقتىدىلا خەلق ئۈچۈن بەخت - سائادەت يارىتىش غايىسىنى تىكلىگەن. ئۇ 18 يېشىدىلا پارتىيەگە كىرگەن، نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان، تاكى دۆلەت ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغۇچە نۇرغۇن دۈشمەننى يوقاتقان. ئۇ جەمەتىمىزنىڭ پەخرى ۋە ئىپتىخارى. مەن ئۇنى ناھايىتى سېغىندىم، ئۇنى ئەسلەيمەن!» دەپ تونۇشتۇردى 71 ياشلىق جاڭ گودۇڭ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ ئۆگىنىش قىلغىلى كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا.

جاڭ چىڭخې 1921- يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ نىڭجىن ناھىيەسى بېيشىنجۇاڭ كەنتىدە تۇغۇلغان. 1938 - يىلىنىڭ بېشىدا، خېبېي - خېنەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پارتىزانلار تارماق ئەترىتىگە قاتناشقان. 1939- يىلى 3- ئايدا، قىسىمغا ئەگىشىپ تەيخاڭشەن تاغلىق رايونىغا بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. شۇ يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇ كۆپ قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرۇش، «تازىلاش»قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ھەم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «يۈز تۇەن ئۇرۇشى»، خۇاڭيادۇڭنى قوغداش ئۇرۇشى قاتارلىق بىرقەدەر چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان، ئۇ تۇرۇشلۇق ليەندۈيگە ھەربىي شۆبە رايونى «قورشاۋ چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئۈلگىلىك ليەن» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن.

1945- يىلىدىن كېيىن، جاڭ چىڭخې ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ليەنجاڭ، يىڭجاڭ، سەنمۇجاڭ، مۇئاۋىن تۇەنجاڭ، تۇەنجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، دابيېشەنگە يۈرۈش قىلىش، خۇەيخەي جېڭى، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭى ۋە چوڭ غەربىي جەنۇبنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، كۆپ قېتىم جەڭ تۆھپىسى ياراتقان، ئىلگىرى بىر قېتىم شەرەپ بىلەن چوڭ تۆھپە ياراتقان ھەم «دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش قەھرىمانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ھەربىي رايوندا چىقىدىغان «ئۇرۇش سېپى گېزىتى» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئۇنىڭ جەڭدىكى ئىش ئىزلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جاڭ چىڭخې بۇيرۇققا بىنائەن ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئۇچۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن. 1951- يىلى، ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى 2- شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 10- ئايدا، قىسىمنى باشلاپ ئەندۇڭدىكى داگۇشەن ئايرودۇرۇمىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ھەر ۋاقىت چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرغان.

1952- يىلى 6- ئايدا، جاڭ چىڭخې شىجاڭلىققا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى، جۇڭگو - چاۋشيەن ھاۋا ئارمىيەسى سىلىڭبۇسىنىڭ قوماندان ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ كۆپ قېتىم ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان، جەڭ تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ھاۋا ئارمىيەسىدە تۇنجى قېتىم دۈشمەننىڭ 26-B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈلگىسىنى ياراتقان.

1953- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى، جاڭ چىڭخې دەندۇڭدىكى سىداۋگوۋ ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 32 ياشتا ئىدى.

ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلدىغان يىللار ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىنقىلابىي روھى ئىزچىل يۇرتىدىكى خەلقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشكە، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ نىڭجىن ناھىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگودىكى پۇقراۋى ئىگىلىكتە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچى بار ناھىيە، جۇڭگودىكى خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىدىكى يۈز كۈچلۈك ناھىيە، جۇڭگودىكى ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، جۇڭگودىكى ئازادە كىيىم - كېچەكلەر داڭلىق شەھەرچىسى، جۇڭگودىكى ئېلېكتىر سىمى، كابېل يۇرتى قاتارلىق گۈزەل ناملارغا ئېرىشتى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4