بىر شەخس، ئۈچ ئورۇنغا شەرەپلىك نام بېرىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

بىر شەخس، ئۈچ ئورۇنغا شەرەپلىك نام بېرىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، بىر شەخس، ئۈچ ئورۇنغا شەرەپلىك نام بېرىلدى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم مىنا تازىلاش - پارتلاتقۇچ بىرتەرەپ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى دۇ فۇگوغا «مىنا تازىلاشتىكى قەھرىمان جەڭچى» دەپ شەرەپلىك نام بېرىلدى. دۇ فۇگو، ئەر، 1991- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، 2010- يىلى 12- ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەن. 2015- يىلى 6- ئايدا چېگرادا مىنا تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، 2018- يىلى 10- ئايدا مىنا بىرتەرەپ قىلىۋاتقاندا سەپدىشىنى قوغداش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە يارىلىنىپ، ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، ئىككى قولىدىن ئايرىلغان. ھەربىي سەپكە كىرگەندىن بۇيان، بۇ يولداش بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇراجىئەت قىلىپ چېگرادا مىنا تازىلاش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مىنا مەيدانىغا 1000 قېتىمدىن ئارتۇق كىرىپ - چىقىپ، جەمئىي 2400دىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى تازىلىدى، 20دىن ئارتۇق تۈرلۈك خەتەرلىك ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلدى؛ تىرىشىپ ماھارەتتە كامالەتكە يېتىپ، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرۈپ، پارتلاشنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنىڭ سۈرئىتى ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ باتۇرلۇق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىپ، مىنا مەيدانىنى جەڭ مەيدانى قىلىپ، خەتەرلىك جىددىي پەيتتە ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي، «مەن قىلاي» دەپ توۋلاپ، خەتەرنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى سەپداشلىرىغا ئۆتۈنۈپ بەردى؛ قەيسەر ئىرادىنى ساقلاپ، ئېغىر يارىلانغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەيسەر، ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۆگىنىش، مەشىقتە چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ يولداش ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەرىپىدىن «تۆتكە ئىگە» يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ تەقدىرلەندى، «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 2018- يىللىق شەخس»، «مەملىكەت بويىچە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنىڭغا «دەۋر ئۈلگىسى» دېگەن نام بەردى، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى.

ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈيى ئۇچۇش 1- چوڭ ئەترىتىگە «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاۋانگارت ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈيىنىڭ ئۇچۇش 1- چوڭ ئەترىتى ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى تۈركۈمدە تەشكىللىگەن، تۇنجى قېتىم جەڭگە قاتناشقان، تۇنجى قېتىم غەلىبە نەتىجىسىگە ئېرىشكەن قەھرىمان ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ چوڭ ئەترەت زور كۈچ بىلەن ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى، ئىزدىنىپ قانات يايدۇرغان تەشكىللىك مەشىق ئۇسۇلى ھاۋا ئارمىيەسىدە كېڭەيتىلدى؛ ئەمەلىي جەڭ ئەمەلىي مەشىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھازىر بار بولغان ئۇچقۇچىلار كۆپ تۈرلۈك يۇقىرى چەك شارائىتىدىكى ئۇچۇش مەشىقى ھەمدە دەل يېتەكلىنىدىغان قورال ئارقىلىق قارىغا ئېتىش مەشىقىنى تاماملىدى؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ بەسلىشىپ، كۆپ قېتىم چوڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇدا 22 يىل بوشلۇق، يەر بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇدا 22 يىل ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالىنىپ، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئۈچ قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، تۆت قېتىم 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، 2014- يىلى ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئاۋانگارت ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ھەربىي مەشىقتىكى ئىلغار ئورۇن»، «پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئۈلگە ئورۇن» بولۇپ تەقدىرلەندى.

63798- قىسىمنىڭ يەر يۈزى ئۈسكۈنە پونكىتىغا «ئالەم قاتنىشىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى نەمۇنىلىك يەر يۈزى پونكىتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

63837- قىسىم مەلۇم ئىشخانىسىغا «جەڭ ئۈچۈن پەن تەتقىق قىلىش ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى توپلاپ ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى!

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4