تۆت شەخس، بىر ئورۇنغا تۆھپە يېزىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى

تۆت شەخس، بىر ئورۇنغا تۆھپە يېزىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى، تۆت شەخس، بىر ئورۇنغا تۆھپە يېزىلدى.

دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇش داشۆسى مەلۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ دۇڭ، سابىق 2- ھەربىي تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ، پىروفېسسور خوۋ لىجۈن، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىستېما قۇرۇلۇشى تەتقىقات يۇرتى مەلۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې يۈەنجىگە 1- دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى؛ راكېتا ئارمىيەسى قۇرۇلۇش داشۆسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ 204- ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ پىروفېسسورى خۇ چاڭخۇاغا 3- دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.

96717- قىسىمغا 2- دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4