پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش»بېسىپ تارقاتتى

پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى مۇھىم يول قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى مۇھىم، زور ۋەقەلەر، مۇھىم يىغىنلار، مۇھىم ھۆججەتلەر، مۇھىم شەخسلەرنى چۈشىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىش تارىخىي مۇساپىسىنى چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 170 نەچچە يىللىق كۈرەش تارىخى، پارتىيەمىزنىڭ 98 يىللىق كۈرەش تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا، بىزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مىسلىسىز مۇشەققەتنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش مەقسىتى، پارتىيەنى ئويلاش مەسئۇلىيىتى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى دائىم كۆڭلىگە پۈكۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما»نى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ماقالىلىرىدىكى پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىغا ئالاقىدار مۇھىم بايانلارنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»قا بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەمىزنىڭ ئىلغار سىياسىي خۇسۇسىيىتى، ئالىيجاناب سىياسىي غايىسى، يۈكسەك سىياسىي ئىستىكى، ساپ سىياسىي پەزىلىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە تارىخىي مۇقەررەرلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچى ۋە تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى داۋامىدا خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىنقىلابىي روھ ۋە كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەمىزنىڭ ساداقەتمەنلىككە تايىنىپ سىناقلاردىن ئۆتكەنلىكى، ساداقەتمەنلىككە تايىنىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكى، ساداقەتمەنلىككە تايىنىپ تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى» قاتارلىق پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى ئەسەرلىرىنى قوشۇمچە ئوقۇشلۇق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنى تەتبىقلاپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تارىخىي تەپەككۇرنى ئۆگىنىپ، تارىخىي نەزەرنى يېتىلدۈرۈپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەردەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مۇۋاپىق شەكىل قوللىنىپ ئۆگىنىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دائىملىق تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى سىجىل تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4