جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

7- ئاينىڭ 30- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن، شىنجاڭ دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چەكسىز مىننەتدار بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتىكى قەتئىي ئىشەنچىنى جاكارلىدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە ئەگىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىدىن ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ياخشىلىنىش بولۇشقىچە؛ ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشىشىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغىچە... بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار رايىش بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشىماقتا، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ ياشنىماقتا.

باھار زېمىنغا ئۈمىد چاچتى، بارلىق مەۋجۇدات گۈللەپ ياشنىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، باش شۇجى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقلارنى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى.

شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى: پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغاندىلا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرغاندىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاندىن گۈللەنگەن، ئالغا باسقان بۈگۈنى ۋە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى بار بولىدۇ. بىر تامچە سۇ قۇياشنىڭ جىلۋىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، بىر جاينىڭ تەرەققىياتى بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلالايدۇ. شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى جانلىق ئىزاھاتقا ئايلاندى.

«ئاسمان - پەلەك دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، تاغدىن كەلگەن سۇنىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ». شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق شەۋكىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدە دانا تەدبىر بەلگىلىگەنلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، ئالاھىدە غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى، خالىس ياردەم قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

70 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق يىللاردا جۇشقۇن ھېسسىيات ئۆزگەرمىدى؛ 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەردە ئىشەنچ تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4