جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى    ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەم ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كۆرۈپ، ھەم دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويىنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى داۋكۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئانالىزى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىستېما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى قىلىش، تېخنىكا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ساغلاملىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەمۇرىيەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازارغا مۇلازىمەت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سىرتقا چىققان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ۋە ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بۇ يىلدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۆمەك باشلاپ نامرات رايونلارغا بېرىپ، دىققەتنى نىشان - ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غېمىنى يېدى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى چىقاردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يولداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپچىلىك سۆزىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم قانداق قىلىپ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك كونكرېت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئاكتىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشى، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئۈچ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىش، ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى شارائىتىدا چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بىز پەقەت ئىرادىنى ساقلاپ، مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرساقلا، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش داۋامىدا ئەمەلىي كۈچىمىزنى ئاشۇرساقلا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قازساقلا، پائال ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت ئاچساقلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئانالىزى ۋە ھۆكۈمىنى توغرا ئىگىلەپ، كەڭ ئەزالارنى ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچىدىن، دىققەتنى نۇقتىلىق نىشان - ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ قوشۇش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئاللىبۇرۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلەندى، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەركىم ئۆزىنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئاساسى بار، قىممىتى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈچىنچىدىن، تەرەققىيات يولىدىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى كۆڭۈل قويۇپ تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بىز ئاجايىپ مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپ، ھەم يولنىڭ ئەگرى - توقايلىقى، قىيىنچىلىقنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى تولۇق تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خاتا گەپ - سۆزلەرگە دادىل رەددىيە بېرىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ئاكتىپ كۈچىنى پائال تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، جاڭ بوجۈن، جاڭ داۋخۇڭ، لى شىجيې، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن، ساۋ خۇڭمىڭ، لەي مىڭ، خۇاڭ رۇڭ، ئوۋياڭ چاڭچيۇڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان