جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى ئانالىز قىلدى، تەتقىق قىلدى    «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» ۋە «19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»نى قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

■ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتەك ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

■ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جەزمەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ مۇتلەقلىقىنى تىكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەت قىلىش مەخسۇس مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى مەۋقەنى ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، دادىللىق بىلەن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك

■ كۆزىتىش، تۈزىتىش ۋە نەتىجىنى تەتبىقلاشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تۈزىتىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، كۈندىلىك نازارەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلدى، تەتقىق قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» ۋە «19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە قارىتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ماكرو سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى، ئاساسلىق ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرقەدەر يېتەرلىك بولدى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئۆستى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللار كۆپەيدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلدى، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايدى، جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتەك ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. مالىيە سىياسىتىنىڭ كۈچەپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇل سىياسىتىنىڭ بوش - چىڭلىقىنى مۇۋاپىق قىلىپ، يۈرۈشۈشچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئاساسى ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، يېزا بازىرىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، ئىسلاھات چارىسىنى كۆپ قوللىنىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىش كېرەك. ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، شەھەر - يېزىلاردىكى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش، ئۇچۇر تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەرلەر توپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ قەرزنى كەينىگە سۆرەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. «مۇردا كارخانا»لارنى تازىلاشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زورايتىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ياسىمىچىلىق، پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتىلغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكىدە بەلگىلەنگەن ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاش يادرو قىلىنغان رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - مۈلۈكنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي - مۈلۈكنى قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋاسىتە قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بازار تەمىناتى ۋە مال باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ پىرىنسىپ ۋە باش ۋەزىپە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جەزمەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ مۇتلەقلىقىنى تىكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەت قىلىش مەخسۇس مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى مەۋقەنى ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، دادىللىق بىلەن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن، كېيىن ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىپ ئىشلىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، روشەن بولغان ئىش قىلىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان نازارەت قىلىش تورى ئورنىتىش توغرىسىدا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ نۆۋەتلىك كۆزىتىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلارنى تولۇق قاپلاشنى تاماملاپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپىلەرنى قوشتى، ئەمما يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانغان. كۆزىتىش، تۈزىتىش ۋە نەتىجىنى تەتبىقلاشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تۈزىتىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لارنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. تۈزىتىشنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىكنى جازالاش - تۈزەشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، «تۆت خاھىش»نى بوشاشماي چوڭقۇر تۈزەپ، بىرىنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى كارخانىلارنىڭ ھەرقايسى قاتلام دەرىجىسى، ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال ياخشى ئىشلىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان