ئالتاي «جۇڭگو قار يۇرتى» ئالتۇن خەتلىك ماركىسىنى نۇرلاندۇردى

ساياھەت كىرىمى ئون يىلدا 18 ھەسسە ئاشتى

ئالتاي «جۇڭگو قار يۇرتى» ئالتۇن خەتلىك ماركىسىنى نۇرلاندۇردى

گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى باۋ دۇڭشى، لى چۇنشيا، جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش گۇرۇپپىسى ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، يول بويى شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىدە شىددەتلىك ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى كۈچلۈك ھېس قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 2018- يىللىق ساياھەتچى سانى 22 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، 2008- يىلىدىكىدىن يەتتە ھەسسىدىن كۆپ ئاشقان؛ ساياھەت كىرىمى 23 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، 2008- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 18 ھەسسە ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 8 مىليون 892 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.4 ئاشقان، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 8 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %94.7 ئاشقان.

بۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھەم ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ساياھەت بايلىقى ۋە مول بايرام مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول، تاشيول، چارۋا يولى بىر گەۋدىلەشكەن مىڭ چاقىرىملىق قاتناش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ساياھەت تونۇشتۇرۇشىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، قويۇق تارىخىي قىياپىتى ۋە مول مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «غىزالىنىش، قونۇش، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ھاجەتخانا»دىن ئىبارەت يەتتە چوڭ مۇھىم ئامىللىق ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى بېيىتىپ ۋە ئۇزارتىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇردى. شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۆپەيتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى يېڭى مەنزىرىسى ۋە ساياھەت مەنزىلىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئالتاينى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

«پەقەت 7- ئاينىڭ 23- كۈنى بۇ بىر كۈندىلا، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە 186 مىڭ 100 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.86 ئاشتى، ساياھەت كىرىمى 175 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.17 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە قاناس مەنزىرە رايونى (قاناس يادرولۇق مەنزىرە رايونى، ئاق قابا مەنزىرە رايونى، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى ساياھەتچى سانى 100 مىڭ ئادەم قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 20 نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ سانلىق مەلۇماتنى بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ كېچۇەن تونۇشتۇرۇپ.

ئىگىلىنىشىچە، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى قاناس مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشتىن باشلانغان، ئادەم سانى ۋە كىرىمى ئەڭ دەسلەپكى نەچچە ئون ئادەم، نەچچە ئون مىڭ يۈەندىن باشلىنىپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، قونالغۇ شارائىتى قاتارلىق غىزالىنىش، قونۇش، يول يۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن تارتىپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكىچە، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن. دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاناس، كۆكتوقاي، بەيشاخۇنى يادرو قىلىپ، «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» «قار - مۇز چوڭ رايونى» بەرپا قىلىپ، «ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلىش، 1- كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، 2- كەسىپكە تىرەك بولۇش» تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىنى بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ماكانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ گۈللىنىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرگەن.

ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە پۈتۈن ۋىلايەتتە 487 مېھمانساراي، مېھمانخانا، 48 مىڭ 852 كارىۋات، 900دىن ئارتۇق پۇقراۋى قونالغۇ بار. ئېرتىش دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە جايلاشقان 1- كەنت بولغان كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىدىكى 30 نەچچە پۇقراۋى قونالغۇ ھەر كۈنى ساياھەتچىلەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ.

بۇ يىل ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شۇ جاي ساياھەت رايونى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، شەھەرلەر بىلەن ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلەر «تېز كىرىپ ئاستا چىقىدىغان، تۇرۇپ قالىدىغان، ياخشى ساياھەت قىلىدىغان» ھالەتنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاي پۈتۈن كۈچ بىلەن پۈتۈن پەسىللىك ساياھەتنى بەرپا قىلىپ، «جۇڭگو قار يۇرتى» ئالتۇن خەتلىك ماركىسىنى تىرىشىپ نۇرلاندۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنى پىلانلاپ ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ، «دۇنيا قار - مۇز ساياھەت مەنزىلى» «دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەنزىلى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4