تارباغاتاي ۋىلايىتى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىمەكتە

بايلىقلار بىرلەشتۈرۈلدى     كەسىپلەر يۇغۇرۇلدى

تارباغاتاي ۋىلايىتى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىمەكتە

گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى جيەنپىڭ، ليۇ شياڭ، رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە جەمئىي 4 مىليون 643 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.6 ئاشتى؛ ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 4 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.7 ئاشتى. 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ساياھەت يىلىدا كۈتۈۋالغان ئادەم سانىنى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالىنى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھەت ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مۇخيات جارمۇخامەت.

ھازىر، دەل تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بارلۇق تېغىدا تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان چاغ بولۇپ، جياڭسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى چىن شياڭخېڭ قولىدىكى ئاپپاراتتا «تاراسلىتىپ» توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. «مەن كۆپرەك سۈرەتكە تارتىپ، ئېلىپ كېتىپ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمگە كۆرسىتىمەن، ئۇلار چوقۇم ھەم ھەۋەس قىلىدۇ، ھەم ئىنتىلىدۇ» دېدى چىن شياڭخېڭ.

كۆركەم، ھەيۋەتلىك تىيانشان رەسىم كارىدورى، قەدىمىي، تەبىئىي يايلاق مەنزىرىسى، ئۇستىلىق بىلەن ياسالغاندەك يارداڭ يەر شەكلى، مول، رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى... بايلىق ئەۋزەللىكى جەھەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەبىئىي ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە.

قانداق قىلغاندا بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چەي خۇڭخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئۈچ ساياھەت ئاساسىي لىنىيە يولى ھەم يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، شىخو ۋە ساۋەن، قۇبۇقساردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساياھەت بۆلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىپ، خاسلىقى روشەن بولغان ساياھەت مەنزىلى سىستېمىسىنى يېتىلدۈرمەكتە. دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنى بويلاپ، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقىدىكى بەش ناھىيە(شەھەر)دىكى ئون مەنزىرە رايونىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى چېگرا بوستانلىقى پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلدى؛ ئۆلكە يولى 101- ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىخو ۋە ساۋەن بۆلىكىدىكى تىيانشان رەسىم كارىدورى پۈتۈن رايون ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى؛ ئۆلكە يولى 318- ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇبۇقسار «جۇڭگو.موشى ھور بۇلاق كۈتۈنۈش خەلقئارا ساياھەت ئارامگاھ رايونى» 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى ھەقىقىي تۈردە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتورىغا ئايلاندۇردى.

چەي خۇڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېسىل مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىپ، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ «ماي بوياق رەسىم تارباغاتاي، يىپەك يولىدىكى پاكىز تۇپراق، كۈتۈنىدىغان گۈزەل جاي»دىن ئىبارەت تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت ئوبرازى شوئارىنى ياڭرىتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەت تەشۋىقات تونۇشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى ساياھىتىنىڭ داڭقى ۋە ياخشى نام - ئابرۇيىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ ساياھەت - تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارباغاتاي يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەم كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ساياھەت تاۋارلىرىنى ئىجادىي ئېچىشقا كۈچەپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ خاس ساياھەت تاۋار ماركىسىنى تىكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4