«ئەينى يىللىرى ئاققۇزغان قېنىمىز، بەرگەن قۇربانلىقىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ»

− باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرۈشكەن پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنى قايتا زىيارەت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيۇڭ چى

گەرچە يېرىم كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، 94 ياشلىق جاڭ فۇچىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، يەنىلا ھاياجېنىنى باسالمىغان ھالدا: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، جاڭ ئاقساقال، ياخشىمۇسىز، دېدى. مېنىڭ قەلبىم ناھايىتى ھاياجانغا تولدى، يۈرىكىمدە ساقلاپ كەلگەن سۆزلىرىمنى بىراقلا دېدىم. باش شۇجىنىڭ مەن بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولدى، ئۇ ناھايىتى يېقىملىق ئىدى» دېدى.

7- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالىدا، ھەربىي ئوردېنلار كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يەردە مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ فۇچىڭ بوۋاي ۋە باشقا تۆت پېشقەدەم ھەربىي سۈرەتكە چۈشىدىغان 1- رەتكە ئالايىتەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

«باش شۇجىغا رەھمەت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت. مېنى پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، مەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ بىر ياخشى جەڭچىسى بولىمەن» دېدى 94 ياشلىق جاڭ فۇچىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتۇپ ھاياجانلانغان ھالدا.

«سىز ھەممىنى قىلالىدىڭىز. سىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۈلگىسى! سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، ساغلام بولۇپ ئ−ۇزاق ئۆمۈر كۆرۈڭ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن بوۋاينىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ چوڭقۇر مېھىر بىلەن. پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاياجانلانغاچقا، جاڭ فۇچىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىلىكىنى تولۇق ئاڭلىيالمىدى. چۈشتىن كېيىن تېلېۋىزوردا پائالىيەت كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلدى، جاڭ فۇچىڭ ئوغلى جاڭ جيەنچۈەندىن: «باش شۇجى ماڭا نېمە دېدى؟» دەپ سورىدى. جاڭ جيەنچۈەن ئۇنىڭغا: «باش شۇجى سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، ساغلام بولۇپ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى تىلەيمەن! دېدى» دېدى. جاڭ فۇچىڭ بوۋاي خۇشال ھالدا كۈلۈپ: «بۇمۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ بەختلىك، ئەڭ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولدى» دېدى. سۆزلەۋېتىپ بوۋاينىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش ئەگىدى.

7- ئاينىڭ 24- كۈنى، جاڭ فۇچىڭ بېيجىڭغا يېتىپ باردى. بۇ، بوۋاينىڭ تۇنجى قېتىم ئوق پويىزغا ئولتۇرۇشى ئىدى. ئوق پويىزدا پويىز خادىمى پېشقەدەم قەھرىماننى تونۇۋېلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ئەھۋال سوراپ: «بوۋا، سىز بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز!» دېدى.

66 يىلنىڭ ئالدىدا، جاڭ فۇچىڭ سەپداشلىرى بىلەن قىسىمدىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بېيجىڭدا قىسقا ۋاقىت تۇرغان، كېيىن ئۇ خۇبېينىڭ يەرلىك قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان. بۇ، 66 يىلدىن كېيىن، بوۋاينىڭ ئىككىنچى قېتىم بېيجىڭغا كېلىشى ئىدى.

تۈن قاراڭغۇسى يېيىلىپ، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىغانىدى، دېرىزە سىرتىدىكى بېيجىڭغا نەزەر سالغاچ، بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىرقى بېيجىڭنىڭ شۇنچە ئاۋاتلىقىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى كۆردۈم، ئەينى يىللىرى ئاققۇزغان قېنىمىز، بەرگەن قۇربانلىقىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4