گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «باراۋەر بولۇش، قاتنىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلگەن 70 يىل» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ چى، جاڭ يۈنلۇڭ) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى «باراۋەر بولۇش، قاتنىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلگەن 70 يىل» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: مېيىپلەر ئىنسانلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى. مېيىپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى باراۋەر ئورۇن ۋە باراۋەر پۇرسەت بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا تولۇق قاتناشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش دۆلەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگودا 85 مىليون مېيىپ بار. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرى مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلققە مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق سۇبيېكتىغا ھەقىقىي ئايلىنىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىلەنگۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىنى جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى، بازارنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ۋە مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۆزىگە تايىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە دۆلەتنىڭ كىشلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مېيىپلەر ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنى كەمسىتىشنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، مېيىپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە باراۋەر قاتنىشىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن باراۋەر بەھرىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4