ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر چىقىرىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك

جاۋ چۇنخۇا

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەربىر ئورۇن، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى - كادىرغىچە كونكرېتلاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان - چوڭقۇرلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم ئۆلچەم پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر چىقىرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان - ئاشۇرالمىغانلىقىدىن ئىبارەت.

ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر چىقىرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ئالدى بىلەن خەلقنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، تۈگۈننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولىدۇ. ئۆزىگە تەتبىقلاپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، يەنە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، بۇ مەسىلىلەرگە توغرا قاراش كېرەك. ئاممىنىڭ ھەرقانچە ئۇششاق - چۈششەك پىكىر - تەكلىپلىرىنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، قانچىكى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلار بولسا، شۇنچە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

مەسىلىنى توغرا تاپقاندىن كېيىن، سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالايدىغان جاسارەت، ئېگىلمەس - سۇنماس غەيرەت بىلەن قەتئىي تۈزەش كېرەك. «داۋراڭ سېلىش»قا بولمايدۇ، بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ھازىر تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنىڭ چوقۇم ۋاقىت چېكى ۋە تەلەپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، سىجىل تۈزىتىپ، تۈزۈم ئورنىتىش ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەل قىلىش جەريانىدا، يەنە ئاممىنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاش كېرەك، مەسىلىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىنى ئاممىغا باھالاتقۇزۇش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناش، ئاممىۋى قاراش، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە يۈكسەلدۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەڭگۈ ۋاقتىنى ئۆتكۈزمەسلىك، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4