جۇڭگو ھۆكۈمىتى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ خۇڭلياڭ، شۈ لىنگۇي) جۇڭگو ھۆكۈمىتى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1998- يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلغان 10- پارچە دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابى، شۇنداقلا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلان قىلغان تۇنجى دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسال ئاق تاشلىق كىتابى.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 27 مىڭ خەت بولۇپ، تېكىست قىسمى خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، ئىسلاھات جەريانىدىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەسى، مۇۋاپىق، جايىدا بولغان دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئالتە بابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئاق تاشلىق كىتاب دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىندى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، روشەن دەۋر خاراكتېرىگە، يۈكسەك ئۇنىۋېرساللىققا ۋە گەۋدىلىك ئىجادچانلىققا ئىگە» دېدى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساۋ يەنجۇڭ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك دەۋر ئېقىمىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن خەلقئارا خەۋپسىزلىك دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا تىنچ ئەمەس.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ تۈپ نىشانى؛ مەڭگۈ زومىگەر بولماسلىق، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىق، مەڭگۈ تەسىر كۈچ دائىرىسى قوغلاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى؛ يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىسى؛ جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ تەرەققىيات يولى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى.

«ئاق تاشلىق كىتابتا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئەسى سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلدى، تۇنجى قېتىم جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى سىياسىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ شەكىللەندۈرۈلدى، دۇنياغا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى، ئاساسىي مىزانى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچ تەرەققىياتىنى چۈشىنىشىگە، ئاتالمىش <جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى>نى پەسەيتىشكە پايدىلىق. بۇ، يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى» دېدى ساۋ يەنجۇڭ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، جۇڭگو ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ - ۋەزىپىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۇنجى قېتىم پۈتۈن كۆرۈنۈش ھالىتىدە نامايان قىلىندى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە تارىخىي قەدەم تاشلىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ مۇۋاپىق، جايىدا بولغان دۆلەت مۇداپىئەسى چىقىمى تەپسىلىي بايان قىلىندى، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى خىراجىتى كۆلىمىنىڭ قۇرۇلمىسى تونۇشتۇرۇلدى، دۆلەت مۇداپىئەسى خىراجىتى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن تەھلىل قىلىنىپ سېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىلدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى خىراجىتى ئاشكارا، ئېنىق، چىقىم سەۋىيەسى مۇۋاپىق، جايىدا بولۇپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت مۇداپىئەسى خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن سالمىقى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت مۇداپىئەسى خىراجىتى تۆۋەنرەك. جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى چىقىمىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چوڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىرقەدەر چوڭ پەرق بار. جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى چىقىمى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلىدۇ، مۇۋاپىق، مۇقىم ئاشۇرۇش داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مەخسۇس باب ئاجرىتىلىپ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداش، يېڭىچە خەۋپسىزلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، رايون خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، زېمىن مەسىلىسى ۋە دېڭىز - ئوكيان چېگراسىنى ئايرىش تالاش - تارتىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، خەلقئارا ئاممىۋى خەۋپسىزلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن پائال تەمىنلەش قاتارلىق تەرەپلەردىكى كونكرېت ئەمەلىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئارمىيەسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىدە ئون نەچچە جەدۋەل تىزىپ چىقىلغان بولۇپ، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، 2010- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە جۇڭگونىڭ يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى خىراجىتى تەركىبى، 2012 - يىلىدىن بۇيانقى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ سىرتقا قارىتا قانات يايدۇرغان ئاساسلىق بىرلەشمە مانېۋىرلىرى، بىرلەشمە مەشىق پائالىيەتلىرى ھەمدە جۇڭگو ئارمىيەسى قاتناشقان ئاساسلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقتىكى كىتابچىلىرى خەلق نەشرىياتى، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4