722 نەپەر «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» نامزاتىنىڭ ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» ئۆگىنىش - تەشۋىقات پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى 722 نەپەر «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» نامزاتىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، پائالىيەت ئامما بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا رەسمىي كىردى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت بېغىشلاشقا باغلىق، ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى يارىتىدۇ» دېگەن قىممەت ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىشىپ «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» ئۆگىنىش - تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. پائالىيەت 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، كوللېكتىپ كېڭىشىپ تەتقىق قىلىپ، كۆرسىتىلىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پائالىيەت تەشكىلىي كومىتېتى نامزات كۆرسىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ماتېرىياللىرىنى جەملەپ، رەتلەپ، 722 نەپەر «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» نامزاتىنى بېكىتتى.

بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، 7- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە، ئامما يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، ياكى مەركەز ۋە يەرلىك ئاخبارات تور بېكەتلىرى، ئارمىيە ئاخبارات تور بېكەتلىرى، ئاساسلىق سودا تور بېكەتلىرى ھەم كۆچمە ئابۇنىچى تېرمىناللىرىدىكى «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» ئامما بېلەت تاشلاش مەخسۇس بېتىگە كىرىپ، نامزاتلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كۆرسەتمە بويىچە بېلەت تاشلاشقا قاتناشسا بولىدۇ. ھەربىر قاتناشقۇچى ئوخشاش بىر نامزاتقا بىرلا بېلەت تاشلايدۇ، پۈتۈن مۇساپىدە كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 نامزاتنى كۆرسەتسە بولىدۇ.

ئامما بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پائالىيەت تەشكىلىي كومىتېتى تورداشلار تاشلىغان بېلەت سانىغا ئاساسەن، رەسمىي نامزاتلارنىڭ 1.2 ھەسسىسى نىسبىتى بويىچە، رايون، كەسىپ، مىللەت قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا، 240 نەپەر ئەتراپىدىكى «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» نامزاتىنى دەسلەپكى تاللاش ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ. يەنە تەشكىلىي كومىتېت باھالاش گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى، تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، تاراتقۇلارنىڭ ئېلان قىلىشى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردە مەيدانغا كەلگەن، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن، ئامما ئارىسىدىن كەلگەن 200 نەپەر ئىلغار نەمۇنىچى باھالاپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4