مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

لايىھەدە تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي ئورمان كۆلىمىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش، سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش، فۇنكسىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2020- يىلىغا بارغاندا، 130 مىليون گېكتار تەبىئىي غوللۇق دەرەخ ئورمىنى ۋە 68 مىليون گېكتار تەبىئىي چاتقاللىق، يېتىلمىگەن ئورماننى دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش يېرى، شالاڭ ئورمان يېرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلۇپ، پەرۋىش قىلىنىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسى، سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسى، تېخنىكا ئۆلچەم سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باھالاش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ.

2035- يىلىغا بارغاندا، تەبىئىي ئورمان كۆلىمى 200 مىليون گېكتار ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، سۈپىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، تەبىئىي ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىلمىي قوغدىلىپ، ئېكولوگىيەنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، گۈزەل جۇڭگو نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، تەبىئىي ئورمان سۇبيېكت قىلىنغان ساغلام، مۇقىم، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىغا، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مول ئورمان مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئېكولوگىيە ئاساسى سېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4