«شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش» خىزمىتى باشلاندى

ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ تېز پويىزىغا چىقىرىش

«شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش» خىزمىتى باشلاندى

مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش» باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدىكى ساياھەتچىلەر مەنبەسى ئەۋزەللىكىنى چىڭ تۇتۇپ، «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىش كارخانىلىرى، ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ساياھەت تاۋارلىرىنى ئېچىشىغا مەدەت بېرىپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە باي، ساياھەتچىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بىر تۈركۈم تونۇلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ساياھەت تاۋارلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

شۇ كۈندىكى باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدىكى تىجارەت مەخسۇس رايونىدا قوغۇن، قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق سوقمىقى، ئۈستىقۇددۇس جەۋھەر مېيى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئون نەچچە خىل ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ تېتىپ بېقىشقا، سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

«ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەنزىرە رايونلىرى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان، تونۇشتۇرىدىغان، ساتىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلىنىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى نۇرمەمەت تۇنىياز مۇنداق دېدى: پائالىيەتكە قاتناشقان 65 كارخانىنىڭ «يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە جۇغراپىيەۋى بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى» ئېتىراپىدىن ئۆتۈش نىسبىتى%90تىن ئاشتى، بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلەندى، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى. كېيىنكى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، سۈپەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساياھەتچىلەر ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە سوۋغا قىلىشتا ئالدىن تاللايدىغان بۇيۇمغا ئايلاندۇرىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى يەنە مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرىدىغان تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسى، ئىستېمال ئادىتى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال توپىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەدرىجىي ھالدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كۆچۈرۈپ كېلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

نۇرمەمەت تۇنىياز مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىپ ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئىككى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا كىرىپ ئورۇنلىشىش، ئىككى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتى يۇلتۇز دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى (رايونى)غا كىرىپ ئورۇنلىشىشنى تاماملاپ، مۇقىم، مۇكەممەل تىجارەت ئەندىزىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ تېز پويىزىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىلارنى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4