شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەن بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەپسىلىي ۋە ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللار ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق كۆزقاراش، ئۇسۇللارنى تەتبىقلاپ، دۆلەت، تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەرنى توغرا تونۇپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلايدىغان، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان خاتا سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى.

جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەلگەن. بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ خىل كۈچ» دېيىلدى) شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭنى بىمەنىلىك بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ، شىنجاڭ «مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلدى. بۇ خاتا سەپسەتىلەر تارىخىي پاكىتلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى، بۇ مۇقەررەركى كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

تارىخنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايونى رەسمىي ھالدا جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ شىنجاڭنىڭ جۇڭگو مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. جۇڭگو تارىخىدا، شىنجاڭ ئەزەلدىن قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» سەپسەتىسى ماھىيەتتە چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، چەت ئەللەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش، جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتىكى سىياسىي قورالى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

تارىخنىڭ دۇربۇنىنى كۆتۈرۈپ، تارىخنىڭ ئەزىم دەرياسىغا قايتىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. تارىختا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى تۈركلەرنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، بەزى كىشىلەرنىڭ تۈركىي تىللارنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈركلەر دەۋېلىشىدا ئېنىقكى باشقىچە مەقسىتى بار. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزاق مەزگىل كۆچۈش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ رايوندا، مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قوينىدا يېتىلىپ تەرەققىي قىلغان، ئىسلام دىنى ئۇيغۇر مىللىتى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىن ئەمەس، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، ئارىلىشىش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلماقتا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولماقتا، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللەنمەكتە، دىنلار ئېجىل، رايىش ئۆتمەكتە، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشماقتا، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتى. چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، پاكىتنى بۇرمىلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلار جەزمەن تارىخ ۋە خەلقنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ.

«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز». شىنجاڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە مەنسۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىگە مەنسۇپ. شىنجاڭغا دائىر تارىخىي مەسىلىلەرنى توغرا تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەنسە، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4