يېڭى تاراتقۇ سېپى «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ياڭراتتى

مۇخبىرىمىز رېن جياڭ

«داخەيداۋ بەك گۈزەل ئىكەن، بىز يەنە كېلىمىز!» 30 نەچچە سېكۇنتلۇق سىندا، ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن سەككىز ساياھەتچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇرتىنىڭ شېۋىسىدە داخەيداۋنىڭ ئاجايىپلىقىنى ماختىدى. بۇ دوۋيىن ئابۇنىچىسى «خامىگۇا 1- نومۇر»نىڭ دوۋيىن سۇپىسىدا ئېلان قىلغان قىسقا سىنى بولۇپ، نۇرغۇن كىشى بۇنى ئالقىشلىدى. «خامىگۇا 1- نومۇر» دوۋيىندا ئېلان قىلغان 224 ئەسىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا قومۇل ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغانىدى.

«خامىگۇا 1- نومۇر» قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چىن شۆبىڭنىڭ دوۋيىن نومۇرى. «بۇ يىل بىز دوۋيىن بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قومۇلنىڭ ساياھەت بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇردۇق» دېدى ئۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى بەس - بەستە يېڭى تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى بىرلىكتە ياڭراتتى.

يېڭى تاراتقۇلاردا تونۇشتۇرۇش ھەممە يەردە باشلاندى

7- ئاينىڭ 19- كۈنى، «دوۋin گۈزەل قومۇل» چوڭ تىپتىكى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيىتى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى. بۇ پائالىيەتتە قومۇل شەھىرىنىڭ بۇ يىل ياز، كۈز پەسلىدىكى «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئارقىلىق قومۇلنى ساياھەت قىلىش» «قوغۇن بايرىمى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك تور سىرتىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، دوۋيىن قىسقا سىن APPسىدا قومۇلغا مۇناسىۋەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئۆرپ - ئادىتى، تارىخ - مەدەنىيەت، گۈزەل تۇرمۇش قاتارلىق قىسقا سىن مەزمۇنلىرى مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھەم قومۇل شەھىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، چوڭ تىپتىكى كەچلىك بازارلار، نۇقتىلىق سودا چەمبىرىكى، ئاممىۋى مەيدانلاردا ئون دوۋيىن «جەزمەن بارىدىغان نۇقتا»سى تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر «جەزمەن بېرىپ» ھەمتۈرتكە بولۇپ، توردا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى. نۆۋەتتە، نۇرغۇن تور ئەھلى قاتنىشىپ، قويۇلۇش مىقدارىمۇ 14 مىليون قېتىمغا يەتتى.

قومۇل شەھىرى يەنە قومۇلنىڭ گۈزەل تەبىئىي مۇھىتى، ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇشنى پىلانلىدى. «بىز قومۇل ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، قومۇلنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاپ، يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر بەرپا قىلىپ، گۈزەل قومۇلنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسىنى يارىتىمىز» دېدى چىن شۆبىڭ.

«بوغدا كۆلىنى دوۋيىنغا چىقىرىپ، دۇنيا ئەھلىگە تونۇتۇش»، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ دوۋيىن نومۇرىدا مەنزىرە رايونىنىڭ تۆت پەسىلدىكى گۈزەل مەنزىرىسى تارتىلغان قىسقا سىنلار داۋاملىق ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ، ئەڭ يۇقىرى كۆرۈلۈش مىقدارى 148 مىڭ قېتىمغا يەتتى. شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىق - تەربىيە، قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ لىكۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى قىش پەسلىدە، مەنزىرە رايونى دوۋيىن مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك قىش پەسىللىك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدىن بۇيان، مەنزىرە رايونى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە دوۋيىن قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ۋە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى. مەسىلەن، بۇ يىلقى جۇڭگو ساياھەت كۈنىدە، ۋاڭيى بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىش سۇپىسى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى پائالىيەتلەرنى بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقاتتى، شۇ كۈنى قاتناشقان تورداشلارنىڭ سانى 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى، ئۈچ كۈندىكى جەمئىي چېكىلىش قېتىم سانى 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلاردا، تەبىئىي مەنزىرە، ناخشا - ئۇسسۇلدىن باشقا، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار كۆپەيدى، نۇرغۇنلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ زىچ ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا كەلدى

شىنجاڭ گۇەنشى تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ دۇڭلياڭنىڭ ھازىر دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى دېگەن يېڭى سالاھىيىتى بار بولدى.

بۇ يىل 4- ئايدا ئالتاي ۋىلايىتى بىر نۆۋەتلىك دوۋيىن يان تېلېفون قىسقا سىنىنى تېز سۈرئەتتە ئىجاد قىلىش بويىچە تەربىيەلەش سىنىپى ئاچتى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ۋە مەنزىرە رايونلىرىدىكى 200گە يېقىن تاشقى تەشۋىقات تايانچىسى قاتناشتى، ياڭ دۇڭلياڭ ئاساسلىق دەرس سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، قانداق قىلىپ دوۋيىندىن پايدىلىنىپ توردا ئالقىشلانغان جەزمەن بېرىش نۇقتىسى يارىتىش، دوۋيىن city پىلانى قاتارلىقلار توغرىسىدا دەرس سۆزلىدى. «بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ھەرقايسى جايلاردىن مېنى يېڭى تاراتقۇ تەشۋىقات ماھارەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم» دېدى ياڭ دۇڭلياڭ.

جۈلياڭيىنچىڭ بېيجىڭ زىجيېتياۋدۇڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ماركېتىڭ مۇلازىمەت سۈپەتلىك ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنكى باش خەۋەر، دوۋيىن قىسقا سىنى، خوشەن كىچىك سىنى، شىگۇا سىنى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆزىگە بىرىكتۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭ گۇەنشى تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جۈلياڭيىنچىڭنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تاۋارلاشتۇرۇش ھەمكارلىق ھەمراھى. 2018- يىلى 12- ئايدا، بۇ شىركەت ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ دوۋيىندا «دوۋيىنغا ئەگىشىپ شىنجاڭنى تاماشا قىلىش» جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، نۆۋەتتە، قويۇلۇش مىقدارى 3 مىليارد 540 مىليون قېتىمغا يەتتى. بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن دوۋيىن پاراڭ تېمىسى «جامبۇلاققا ئىنتىلىش»نىڭ تورغا چىقىرىلىپ ئۈچ كۈندىكى قويۇلۇش مىقدارى 68 مىليون قېتىمغا يەتتى.

نۆۋەتتە، «باھار ئۇسسۇلى ناراتتا، بارچە گۈللەر بوشلۇقتا ئېچىلدى»دىكى «گۈللەرنى نامايان قىلىش» چاتما دوۋيىن ئىجادىي قىسقا سىن مۇسابىقىسى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا. نارات مەنزىرە رايونى بۇ پائالىيەتنى بەش قارارغا ئايرىغان بولۇپ، 4- ئايدىن 8- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدىكى گۈل پەسلى ئامىللىرىنى سۈرەتكە ئالغان دوۋيىن ئەسەرلىرى بىلەنلا مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ماركېتىڭ مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىم چې خۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەنزىرە رايونى ئورگان تورى، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، باش خەۋەر نومۇرى، دوۋيىن نومۇرى قاتارلىق كۆپ خىل تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلغان، تونۇشتۇرغان. نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى ئورگان تورىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈش مىقدارى 700 مىڭ قېتىمغا يېقىنلاشقان، پەقەت مىكرو بىلوگدىكى «بوشلۇقتىكى يايلاق نارات» پاراڭ تېمىسىنىڭلا كۆرۈلۈش مىقدارى 51 مىليون 710 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، مۇھاكىمە قىلىشقا قاتناشقان ئادەم سانى 27 مىڭغا يەتكەن.

ھازىر نۇرغۇن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يېڭى تاراتقۇدىكى «ئاقىللار»غا ئايلاندى. چىن شۆبىڭنىڭ دوۋيىندىكى «مەستانە»سى 2000 ئادەمگە يېقىنلاشتى، ئۇ ھەر خىل ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا، قىسقا سىننى سۈرەتكە ئېلىپ ئېلان قىلىدۇ.

يېڭى ھەمكارلىق ئۈزۈلمىدى

«ھازىر بىز شىنجاڭدىكى %95 مەنزىرە رايونى، %95 مېھمانساراي، %60 - %50 پۇقراۋى قونالغۇ بىلەن كەسپىي ئالاقە ئورناتتۇق» دېدى شيېچېڭ گۇرۇھى ھۆكۈمەت بايلىقى ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، مەنزىلگاھ ماركېتىڭى باش دىرېكتورى جاڭ شۈ تونۇشتۇرۇپ. نۆۋەتتە شيېچېڭ سانجى، ئالتاي، تۇرپان، قومۇل، قاراماي، تارباغاتاي قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، باشقا ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن يەنە ھەمكارلىق تۈرى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ.

شيېچېڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق شەكلى كۆپ خىل بولدى، بۇرچىن بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ساياھەت تاكتىكىسى خاتىرىسى، توردىكى يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭى تاراتقۇ ماركېتىڭى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بىز ئۆزىمىزنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئۈستۈنلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتە ئۈستۈنلۈكىمىز ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ سۈپەتلىك ماركىنى كېڭەيتىش، خېرىدار مەنبەسىدىن باشلاش ھەمدە شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى ئۇ.

«يېقىنقى ئىككى يىلدا، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن باشقا، بىز بىلەن ھەمكارلاشقانلاردىن يەنە قاناس، بۇيلۇق، نارات، بايىنبۇلاق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار» دېدى ياڭ دۇڭلياڭ تونۇشتۇرۇپ. نۆۋەتتە دوۋيىن سۇپىسى بۇ يىل تونۇشتۇرغان يېڭىلىق يارىتىش ماركېتىڭIPسى «دوۋ in City  − شەھەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇش بۆلىكى» شىنجاڭدا كېڭەيتىلىۋاتىدۇ، ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە «دوۋ in گۈزەل ئۈرۈمچى» مۇشۇ ئايدا رەسمىي تورغا چىقىرىلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ گۇەنشى تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يەنە كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرى بىلەن دوۋيىن جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى، دوۋيىن پاراڭ تېمىسى، بۈگۈنكى باش خەۋەر پاراڭ تېمىسى قاتارلىق تۈرلەردە ھەمكارلىشىپ، بۈگۈنكى باش خەۋەر، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ ساياھەت، خاس مەھسۇلات، مۇھىم، زور تۈگۈن قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى.

ئالتاي ۋىلايىتى ئۆزىدىكى ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك يېڭى تاراتقۇ تەشۋىقات سۇپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، دوۋيىن، بۈگۈنكى باش خەۋەر، خوشەن كىچىك سىنى قاتارلىق بايلىقلارنى يەنىمۇ قېزىپ، ساياھەت تەشۋىقاتىنى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇردى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى توردا بىۋاسىتە تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بايىنغولىننىڭ ساياھەت بايلىقى، تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ سۈپەتلىك ماركا تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.

«گۇرۇھىمىز شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، كەلگۈسى ئىككى - ئۈچ يىلدا، شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىشى قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىدۇ ھەم زاكاز قىلىشتىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلارنى ئەلالاشتۇرىدۇ؛ ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ دەل جايىدا بازار تەھلىلى ئېلىپ بېرىپ، يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىش تەشۋىقاتى، ئېقىم باشلاپ قايتا - قايتا سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى جاڭ شۈ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4