چوڭقۇشتاي: قەدىمىي ئۆتەڭدىن «ئېقىم مىقدارى بويىچە داڭلىق كەنت»كىچە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار دۇ گاڭ، جاڭ شياۋچېڭ) ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئىلى دەريا ھەۋزىسىگە جايلاشقان چوڭقۇشتاي كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3000 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىسى سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىنلاشتى، 58 پۇقراۋى قونالغۇدىن بىرەر كارىۋات تېپىشمۇ تەس ئىدى. كەنتكە تۈركۈم - تۈركۈملەپ ساياھەتچى كەلدى، ئۇلار ئۆزلىرى كۆرگەن قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى توردا تارقىتىپ، قارلىق تاغ، دەريا ئېقىنى، ئورمانلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى بار، يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، يېرىم ئولتۇراقلاشقان بۇ كەنتنى قىسقا سىن APPدىكى «ئېقىم مىقدارى بويىچە داڭلىق كەنت»كە ئايلاندۇردى.

تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتكەن ئۇيسۇن قەدىمىي يولى قەدىمكى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش يولى. چوڭقۇشتاي كەنتى ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنىڭ شىمالىي كىرىش ئېغىزى، شۇنداقلا چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق يايلاق كۆچۈشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، قاتناش تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن شىنجاڭدا، ئۇيسۇن قەدىمىي يولى ۋە چوڭقۇشتاي كەنتىمۇ ئاستا - ئاستا ئەسلىدىكى فۇنكسىيەسىنى يوقاتتى.

كەنت ئاھالىسى نۇربول تۇرسۇنباي بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. 2009- يىلى، بەزى «دالا ساياھەتچىلىرى» بۇ جايغا كېلىپ دەم ئالدى ھەم يەرلىك كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنى كېسىپ ئۆتۈش يول باشلىغۇچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. پۇرسەتنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇ كەنتتە ئەڭ بالدۇر پۇقراۋى قونالغۇ ئاچقان كەنت ئاھالىسىگە ئايلىنىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىپتىدائىي ئىككى ئېغىزلىق ياغاچ ئۆيىگە تاختايلىق كاڭ سېلىپ، ئايالىنى ئاشپەز قىلىپ ئىشىكىنى ئېچىپلا تىجارەت قىلدى.

2010- يىلى، چوڭقۇشتاي كەنتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىدىكى داڭلىق كەنت» بولۇپ باھالاندى. ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان جىن ۋېنتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چوڭقۇشتاي كەنتىنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى بۇ كەنتنىڭ قازاق مىللىتى كىشىلىرىنىڭ ياغاچ ئۆي سېلىش تېخنىكىسىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغانلىقى، ئىلى دەريا ھەۋزىسىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر توپى قۇرۇپ چىققانلىقىدىن بولغان، «ياغاچ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى قازاق مىللىتىنىڭ ياغاچتىن قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلى ۋە جياڭنەننىڭ ئىنچىكە ياغاچچىلىق قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى».

بۇنىڭدىن سىرت، كەنت مۇكەممەل چارۋىچىلىق تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان، مەسىلەن: ئات تاقىلاش، قىز قۇۋار، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىقلار.

يەنە مۇشۇ بىر يىلدا، نۇربول تۇرسۇنباي ئىككىنچى پۇقراۋى قونالغۇسىنى ئاچتى ھەم مەخسۇس ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يەنە 200 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بىلەن ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 150 ئاتتىن تەركىب تاپقان ئاتلىق ئەترەت تەشكىللىدى ھەم قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتتى، مەسىلەن: قېزا، قۇرۇت قاتارلىقلار.

مۇشۇ ئىككى يىلدا، سىرتقى جايدىكى بەزى تىجارەتچىلەر چوڭقۇشتاي كەنتىگە كېلىپ ساياھەتكە مەبلەغ سالدى. 30 ياشقا توشمىغان ۋاڭ يۈنگاڭ 2016- يىلى كەنتكە كېلىپ، بىر كونا ھويلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىپتىدائىي ياغاچ ئۆينى ئۆزگەرتىپ «يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئۆيى» قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

«مەن ئەسلىدە ئەركىن - ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بۇ كەنتتە كىچىكرەك تىجارەت قىلىپ، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە كەچكى شەپەقنى كۆرۈشنى ئويلىغانىدىم. بىراق بۇ يىل ساياھەتچىلەر بەك كۆپ بولۇپ، ئەسلىي مەقسىتىمگە خىلاپلىق قىلدىم.» ۋاڭ يۈنگاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇشتاي كەنتى توغرىسىدىكى قىسقا سىننى تونۇشتۇردى، قويۇلۇش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان سىن 1 مىليون قېتىمدىن كۆپرەك كۆرۈلدى.

چوڭقۇشتاي كەنتى 2017- يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» بولۇپ باھالاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ كىچىك تاغلىق كەنت شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلارغا ئوخشاش ساياھەتچىلەرنىڭ «شىددەتلىك» ئېشىشىدىن نەپ ئالدى، كەنتتىكى پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ سانىمۇ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن بىر قاتلاندى.

شۇ جايدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شۈ دېجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ ئىپتىدائىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2017- يىلى يەرلىك 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتنىڭ ئۆزگىچە ئۆيلىرىنى ئىچىدىن تېشىغىچە ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» تۈرىدىن نەپ ئالغان نۇربول تۇرسۇنباينىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 300 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۆزگىچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ سېتىشقا ئىشلەتتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4