ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتتىق ۋەزىپە

يۆ يەنيۈن

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەھرىلىنىش، ئالماشتۇرۇش ئاسانلا ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. شەخسنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى نىسبەتەن مۇستەقىل بولۇپ، ھەم ئۆگىنىش مەزمۇنىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق، ھەم كوللېكتىپ ئۆگەنگەن مەزمۇننى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەزىم قىلىپ قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ ئىككىسى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر - بىرىگە تۈرتكە بولىدۇ.

نەزەرىيە ئۆگىنىشتە، بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىش ئاسان، بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىش تەس، جانلىق ئىشلىتىش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش تېخىمۇ تەس. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى نەزەرىيە ساپاسىغا يېتىش ئۈچۈن، پەقەت كوللېكتىپ ئۆگىنىشكىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، جەزمەن خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كېرەك. كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ھارۋىنىڭ ئىككى چاقى، قۇشنىڭ ئىككى قانىتى بولۇپ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ناۋادا كەم بولۇپ قالسا، نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش بىر ئېغىز قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، باش تېما تەربىيەسىدە، بىز شەخسنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

نەزەرىيە ئۆگىنىش «بىردەملىك ئىش» بولماستىن، بەلكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى بولۇشى كېرەك. مەيلى باش تېما تەربىيەسىدە بولسۇن ياكى كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىشتە بولسۇن، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، ۋاقىت ۋە زېھنىنى چىقىرىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

("سۆز ھەممىگە" ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4