ئاقسۇ تەۋەلىك رايونىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن ئاقسۇ تەۋەلىك رايونىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ۋە مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا كىردى، جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، مەبلەغ - تۈر، سىياسەت كاپالىتى، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاش، مەسىلىنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش، ئاساسنى پۇختىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جان پىدا قىلىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ ۋە ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىۋېتىش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋېتىش خاھىشىنى قەتئىي يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقنىڭ ئەڭ ئېغىرىغا، قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئەڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت تەلىپىگە توغرىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان ئۆلچىمىگە دىققەت مەركەزلەشتىمۇ - يوق، ئاساسىي سانلىق مەلۇمات مۇكەممەللەشتىمۇ - يوق، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمى راۋانلاشتىمۇ - يوق، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتىمۇ - يوق قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، بىر تۈردىن - بىر تۈردىن سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، چۈشۈپ قالغان تۈرلەرنى تولۇقلاپ، دەل جايىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش، دەل جايىدا ئاساسنى پۇختىلاش، دەل جايىدا مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش، قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ياغاچ چېلەك ئۈنۈم ئېففېكتى»نىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتكە ناچار تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بوشىشىپ قېلىش، بىپەرۋالىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ «بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوم شۇجىلىرى ئۆزى تۇتۇپ، ھاكىم (شەھەر باشلىقى)لار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىپ، تۆۋەنگە چۆكۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىدىغان غەيرەت ۋە جاسارەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4