ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئۇنتۇماسلىق باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەنلىكى، ئىزچىللاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسى، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت باش تەلەپنى چۆرىدەپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەسلىي تېكىستنى ئەينەن ئوقۇپ، قائىدىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش نىيىتى، پارتىيەنى ئويلاش مەسئۇلىيىتى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى دائىم كۆڭلىگە پۈكۈپ، باش تېما تەربىيەسىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ۋاقتىدا يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇپ، قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى. چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، قانچە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەينەن، ھەقىقىي ئۆگىنىش بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە كونكرېت خىزمەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي، ئەمەلىي، ياخشى تۇتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى، سەككىز مەخسۇس كومىتېت پارتگۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرىمىز.

7- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى، ئالتە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر پىكىر بايان قىلىپ تەسىراتىنى سۆزلىدى. 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، يەنە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. 7- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزەتتى.

ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ھەر كۈنى بىر سائەت ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئىزچىل ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشكە تىرىشىپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇردى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى بەنزە ئەزالىرى نۇقتىلىق ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئاساسلىق رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىش، ياچېيكا مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئۆگىنىش دوكلاتى، «ئەقىل كۆرسىتىش» ئىدىيەۋى مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق ئۆگىنىش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى مەسىلىلەرگە توغرا قاراش ئاڭلىقلىقى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بولۇشتا.» 7- ئاينىڭ 11- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ئەي شىنلۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۆزىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، باشقىلارغا ئىتتەرمەي، ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، بىر - بىرلەپ تۈزىتىپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى باش تېما قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلىنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئىزچىل ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4