مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ «ئالىي مائارىپ قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ

«ئالىي مائارىپ قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى

مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئالىي مائارىپ قانۇنى» دېيىلىدۇ)نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ھەمراھ بولدى.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قەشقەر داشۆ، قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىخەنزە داشۆ، شىنجاڭ شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، دوكلات ئاڭلاش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ پەن قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى، ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردى، ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم شىخەنزە شەھىرىنىڭ «ئالىي مائارىپ قانۇنى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئالىي مائارىپ ساھەسىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان كۈچلۈك بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك؛ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاش سىياسىتىنى تۈزۈپ، يەرلىك ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ سىياسەت بايلىقلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرىكتۈرۈپ، يەرلىك ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تۈرلەرگە ئايرىلغان سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە بايلىق تەقسىملەشنى يولغا قويۇپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە پەنلەر، كەسىپلەر ۋە ئۆمەكلەرنى بەرپا قىلىپ، رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يۈكسەكلىكىدىن پەن، كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللاش، رايونلارنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرى، خاس ساھەلەردە جىددىي كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك؛ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلارنى مائارىپ ئارقىلىق يۆلەشنى دەل جايىدا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەربىر ياشنى بىرەر ھۈنەرگە ئىگە قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ماھارەتنى ئىگىلىتىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا بېرىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەتقىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە نەزەرىيەنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ «قانۇننى كۆزىتىش»تىكى ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاش كېرەك؛ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىشتىكى «رازى بولۇش نىسبىتى»نى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تەكلىپلەرنى بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ئالىي مائارىپ قانۇنى»نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4