ياز كۈنىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى رەسىمگە ئوخشايدۇ

7- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچقۇرۇن، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدا كۆڭۈل ئاچماقتا.

(مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا ئەتىگەنلىك بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

(مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇشوۋشياڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە سالقىندىغاچ شاھمات ئوينىماقتا.

(مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى چىيى جياڭيۈەن ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كۆكتاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جېن فوتوسى)

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، بالىلار ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ زال سىرتى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سۇ ئوينىماقتا.

(مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇپ چۆچەك ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. 5- ئاينىڭ 30- كۈنى قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، پويىزغا ئولتۇرۇپ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

(مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا سالقىنداپ ئوينىماقتا. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، باغراش كۆلى كۆلنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش مەنزىرە نۇقتىسى ساياھەتچىلەر سۇ ئوينايدىغان، سالقىندايدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

(چۆ.خۇرە فوتوسى)

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

(مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 1- ماي شىنگۇاڭ كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارنى تېتىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچى ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

(مۇخبىرىمىز ئازات يۈسۈپجان فوتوسى)

مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

قۇشلار سايراپ، سۇس تۇمانلار تارقىلىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تاڭ يورۇشقا باشلىدى. چوڭ - كىچىك كوچىلاردىن سۇ چېچىش ئاپتوموبىللىرى ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى، ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان كىشىلەر ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى، يېڭىلا تونۇردىن چىققان ئىسسىق ناننىڭ مەززىلىك ھىدى تەرەپ - تەرەپكە تارالدى، كالا گۆشى ئۈگرىسى، سامسا، پۇرچاق سۈتى، پىلتە قۇيماق، يۇتازا ساتىدىغانلارنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

باغچىنىڭ بىر تەرىپىدە ئېرخۇ بىلەن ئورۇنلانغان جىڭجۈ تىياتىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، يەنە بىر بۇلۇڭىدا مەشرەپ ئەترىتى شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، كۆرۈۋاتقانلارمۇ، قاتناشقۇچىلارمۇ كۆپ ئىدى.

مېۋىلىك باغدا ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالۇچىلار شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان پارقىراق ۋە سۈزۈك تۇرپان ئۈزۈمى ساياھەتچىلەرنى ساقلاۋاتاتتى، ئۈزۈم ئۈزۈش پەسلى يېتىپ كەلدى.

بازاردا كىشىلەر يېڭىلا سىقىپ چىقىرىلغان مېۋە شەربىتى ئىچىۋاتاتتى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدا شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭلىدىكىدەك كۆكتاتلارنى تاللاۋاتاتتى؛ سودا سارايلىرىدا قىزلار ئەڭ چىرايلىق مودا كىيىملەرنى سىناپ كىيىۋاتاتتى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ سىردىشىۋاتاتتى، شاھمات ھەۋەسكارلىرى دەرەخ سايىسىدا شاھمات ئويناۋاتاتتى، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بالىلار خۇشال ئويناۋاتقان بولۇپ، كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

ساياھەتچىلەر ھەممىلا يەردە بار ئىدى. تەبىئىي مەنزىرە، ئادىمىيەت مەنزىرىسى، تارىخىي ئىزنالار، ھەر خىل مەززىلىك تائاملار توختىماي سۈرەتكە تارتىلىپ تۇراتتى. مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا كېتىۋاتقان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار ئەڭ تەلەيلىك بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر كۈندە تۆت پەسىلنى كۆرۈش رىۋايەت ئەمەس... بۇلارنىڭ ھەممىسى پەخىرلىك ھالدا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىلدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، شىنجاڭ 50 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، سانلىق مەلۇماتتا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى، رېكورت يەنە يېڭىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا، ساياھەتنىڭ «شىددەت بىلەن ئېشىش» ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

كېچىدە تومۇز ئىسسىق ئاستا - ئاستا يېنىپ، مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتۈپ، كۆڭۈللۈك كېچىلىك تۇرمۇش باشلاندى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغلار شەھەرلەرنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى، باغچىلار، مەيدانلار قايتىدىن قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، چوڭلار بالىلارنى يېتىلەپ كېچىدە سەيلە قىلىشقا باشلىدى، ئاشىق - مەشۇقلار كوچىلاردىكى يېشىللىقتا پىچىرلىشىپ، بەختلىك، شېرىن دەقىقىلەرنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. ئاستىلىغان رىتىم كەيپىياتنى ياخشىلايتتى.

ئارام ئېلىش كېچىنىڭ باش تېمىسى، مەززىلىك تائاملارمۇ شۇنداق، شىنجاڭدا تېخىمۇ شۇنداق. مەيلى جەنۇبىي شىنجاڭدا، شىمالىي شىنجاڭدا بولسۇن، مەيلى شەھەرلەردە، يېزىلاردا بولسۇن، شىنجاڭنىڭ تائاملىرى قايناق كەچلىك بازارلارنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.

ياز كۈنىدىكى شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى خۇددى رەسىمگە، تۇرمۇشى خۇددى شېئىرغا ئوخشايدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4