«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى پېڭشىن چاقىلىق ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن چاقىلىق ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭغا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

ئۇتام يېزىسىنىڭ قۇرغۇي كەنتىگە جايلاشقان چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ 10 مىڭ مولۇق چىلان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، لى پېڭشىن چىلانلىق باغقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، باغۋەنلەر، پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چىلانچىلىق كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، چاقىلىق چىلىنىنىڭ «ئالتۇن خەتلىك ماركا»سىنى قەدىرلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «باشقىلاردا يوقى بىزدە بار، باشقىلاردا بارنىڭ بىزدە ئەلاسى بار، باشقىلاردا ئەلاسى بولسا بىزدە ئالاھىدىسى بار» بولۇش يولىدا مېڭىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. لى پېڭشىن تىكەنلىك يېزىسىنىڭ غولئۆستەڭ كەنتى ياڭاق قىستۇرۇلغان چىلان پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ۋە نامرات ئاممىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتى، تازىلىق بىخەتەرلىكىگە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، چىلان ئارقىلىق ئاممىغا سىجىل ياخشى تۇرمۇش ئېلىپ كېلىشنى تەكىتلىدى. نامرات ئاممىنىڭ ئۆيىدە، لى پېڭشىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، نامرات ئاممىنىڭ تەلەپلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى، ئۇلارنى ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، كۈرەش داۋامىدا تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدا لى پېڭشىن نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان ئۆلچىمىدە ئىرادىنى ساقلاش كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇبىر رەتلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، چۈشۈپ قالغان تۈرلەرنى تولۇقلاش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئۆستەڭ، يول، ئورمان تورىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنما سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ماس ئالغا سىلجىتىش، بىر - بىرىنى تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئادەتتىكى خىزمەتلەرنى دائىملىق تۇتۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4