مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تۆت تارماق «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تۆت تارماق «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ

يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىكتە «يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىدىيەۋى پەزىلەت ۋە مەنىۋى مەنزىل چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلغار قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى، كۆيۈنىدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە باغلىشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش جاڭ فۇچىڭ كوممۇنىزملىق يۈكسەك غايىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشىدىكى شانلىق ئۈلگىسى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ھەممىسى يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى، يۈكسەك ئېتىقادنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، قەتئىي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «پارتىيە قەيەرنى كۆرسەتسە شۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىش»، «پارتىيە مېنىڭ قەيەرگە بېرىشىمغا ئېھتىياجلىق بولسا، مەن شۇ يەرگە بارىمەن»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۆگىنىش كېرەك؛ ئۇنىڭ نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھىي پەزىلىتىنى، باشتىن - ئاخىر ئاددىي - ساددىلىقى، ساپلىقىنى ساقلاپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدا جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا جاپالىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشىنى ئۆگىنىش كېرەك؛ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشتەك ئەمەلىي ئىستىلىنى، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن كۆتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا ۋە ئەڭ جىددىي پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتىپ، مەھكەم تۇرۇپ، ئىنقىلابىي غايە - ئېتىقادنى ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۆگىنىش كېرەك؛ ئۇنىڭ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر پاك تۇتۇپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەشتەك ئالىيجاناب مىجەزىنى، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشىنى ئۆگىنىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ساپانى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇشتەك كۈرەش قىياپىتى ۋە قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش روھىنى ساقلاپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇپ، دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، ئەلا نەتىجە يارىتىپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن تەربىيەلىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەتبىقلاپ، ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە باغلاپ، ئۆزىدىكى پەرقنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلغار تىپلارنى ئۆلچەم بايرىقى قىلىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى «قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋەكىللىرىنى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش، ئۆگىنىش تەسىراتى سۆزلەشكە تەشكىللەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەرنى يولداش جاڭ فۇچىڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئارمىيەدىن ئايرىلسىمۇ پارتىيەدىن ئايرىلماسلىق، ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشنى «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش» باش تېما تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئۆگىنىپ، «مەن كۈرەش قىلىمەن، مەن قالتىس» ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى پارتىيەنى سۆيۈپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىنى چىڭىتىپ، «تۆتكە ئىگە» يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەۋرىگە ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4