بىر ئۆمۈر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنى يەتكۈزۈش

− 6-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى سالىقجان ئىمىن توغرىسىدا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېن بو

چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىنتىلىشى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يەتكۈزدى، ئۇنىڭ ھېكايىسى كەڭ تارقالدى.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇلارنى تىلغا ئالغاندا، بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن سالىقجان مۇنداق دېدى: «مەن ئانارنىڭ بىر تال دانىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنى بىر ئۆمۈر يەتكۈزىمەن».

سالىقجان 1992-يىلى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ جايدىكى ئادەم ئېقىمى ئەڭ كۆپ بازاردا بىر «خاتىرجەم گۆش دۇكىنى» ئاچقانىدى. ئەزەلدىن گۆشنى كەم جىڭلاپ بېرىدىغان، قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان ئىشنى قىلمىغاچقا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۇنىڭ گۆش دۇكىنىغا كېلىدىغان بولدى.

پۇل تاپقاندىن كېيىن، سالىقجان ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قولايسىزلىقىنى كۆرۈپ، خوتۇنى بىلەن بىللە دائىم ياشانغانلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا تەملىك تاماقلارنى ئېتىپ بەردى، ياردەملىشىپ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بەردى.

سالىقجاننىڭ قارىشىچە، بۇ ئىشلارنى قىلىش بالىلىق چاغلىرىدىكى قىزىل ئۇرۇقنىڭ يىلتىز تارتىپ بىخلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. 1950-يىلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مەلۇم قىسىمنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى چۆچەك شەھىرىگە كەلگەندە، بىرمەھەل تۇرىدىغان جاي تاپالماي قالغان. سالىقجاننىڭ ئاتا - ئانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىكار تۇرغان تۆت ئېغىز ئۆيىنى بوشىتىپ، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ئۆيىگە باشلاپ كەلگەن. سەككىز يىل ۋاقىت ئىچىدە، سالىقجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جەڭچىلەر بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل - ئىناق ئۆتكەن.

«شۇ چاغدىن باشلاپ ھويلىمىزدا بىر قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇرىدىغان بولدى، بۇ مەنزىرە مېنىڭ خاتىرەمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ تەسىرىدە، مەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىش ئېتىقادىمنى چىڭىتتىم» دېدى سالىقجان.

1962-يىلى، يېڭىلا ئىچكىرى ئۆلكىدىن چۆچەككە ئىشلەمچى بولۇپ كەلگەن مېڭ گۇاڭجى تۇرىدىغان جاي تاپالماي قىينىلىپ قالغاندا، سالىقجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر ئېغىز ئۆيىنى مېڭ گۇاڭجىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بوشىتىپ بەردى، ئۇلار بۇ ئۆيدە شۇ تۇرغىنىچە 20 نەچچە يىل تۇردى، ئۇلار يەنە قېرىنداشلارچە مېھىر ئورناتتى. 1985-يىلى، مېڭ گۇاڭجى ئائىلىسىدىكىلەر بىنا ئۆيگە كۆچتى، لېكىن ئىككى ئائىلە كىشىلىرى يېقىن ئالاقىسىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى. 1997-يىلى، مېڭ گۇاڭجى جىگەر راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندە سالىقجان ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

سالىقجان ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق−ئاپەت دېگەن داۋلىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. 2009-يىلى، سالىقجان ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۆلەت بايرىقى كىچىك ھويلا ئاسمىنىدا لەپىلدىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىمقى مۇھىم، زور بايراملاردا سالىقجان ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى، ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سالىقجان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىپىك ئىش ئىزلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى تەشۋىق قىلىشنى قارار قىلدى.

«بىز ھازىر يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، كېسەل كۆرسەتسەك داۋالىنىش سۇغۇرتىمىز بار، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ يەنە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بار... بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى، بىزنىڭ پارتىيەمىز ۋە ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەسلىككە نېمە ئاساسىمىز بار؟ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىماسلىققا نېمە ئاساسىمىز بار؟» سالىقجان تەشۋىق قىلغاندا دائىم مۇشۇنداق دەيدۇ.

2017-يىلى، سالىقجان يەنە ھەر ھەپتىدە ئۆيىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ كىچىك ھويلىسى ھەر دۈشەنبە كۈنى ئادەم بىلەن لىق تولىدىغان بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، سالىقجان ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسى چۆچەك شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسى، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى. ئۇ زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردىن كىچىك دۆلەت بايرىقىنى سوۋغا قىلىدۇ، ھازىرغىچە 60 مىڭدىن ئارتۇقنى تارقىتىپ بولدى، ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلىغان كادىر ۋە ئامما 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

ھازىر، سالىقجان دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ۋە تەشۋىق قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى بالىلىرىغا تاپشۇرۇشنى پىلانلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كېيىن مەن سۆزلىيەلمەي قالسام، ئوغلۇم سۆزلەيدۇ، ئوغلۇم سۆزلىيەلمەي قالسا، نەۋرىلىرىم يەنە كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ».

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4