ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپى ۋە «نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش» كونكرېت نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىدىيەدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، تەكرار ئۆگىنىپ، يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشنى، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىرادە، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا يۈكسەك سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش؛ ئىجتىھات بىلەن ئوقۇپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش جەريانىدا نەزەرىيە تەپەككۇرىنى ئۆستۈرۈپ، جەۋھىرىنى ئىگىلەپ، نېگىزىنى تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ كالتسىي تولۇقلاپ، سۆڭەكنى چىڭىتىش جەريانىدا ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئېتىقاد، ئىشەنچنى ئىلمىي نەزەرىيەگە بولغان ئاقىلانە ئېتىراپ قىلىش، تارىخىي قانۇنىيەتكە بولغان توغرا تونۇش، ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا تۇرغۇزۇش؛ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «مەن كىم، كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىمىز» دېگەن مەسىلىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىك، مەڭگۈ رەڭگى ئۆڭمەسلىك؛ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش جەريانىدا بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىنچى سالاھىيەت، بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4