ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ جاي دۆلەت ئىچى ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز مەنزىلگاھ بولۇپ تاللاندى

6- ئاينىڭ 19- كۈنى، بىڭتۇەن 4- شى 70- تۇەننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئۈستىقۇددۇس ئورماقتا. بۇ تۇەن تېرىغان ئۈستىقۇددۇس راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھاۋا ئوچۇق كۈندىن پايدىلىنىپ، ئۈستىقۇددۇسنى جىددىي ئورۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

(ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى)

مۇخبىرىمىز جيا چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مافېڭۋو ساياھەت تورى تېڭشۈن ساياھەتچىلىكى بىلەن بىرلىشىپ 2019- يىلى يازلىق «ساياھەت ھەرىسى يۆنىلىش بەلگىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى: دۆلەت ئىچى ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز ئون مەنزىلگاھ ئىچىدە، ئالتاي، ئىلى، قەشقەر تىزىملىككە كىرىپ، ئايرىم - ئايرىم 3-، 5- ۋە 9- ئورۇندا تۇردى.

ئاپتونوم رايون ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ ساياھىتى ئۇل ئەسلىھە، بازار يېتىشتۈرۈش، سىياسەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. مافېڭۋو چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %191 ئېشىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئىچىدە 1- ئورۇندا تۇرغان.

بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئۈچ مەنزىلگاھنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ساياھەت بايلىقى توپلانغان رايون. ئالتاي ۋىلايىتىدە «بۇ دۇنيادىكى پاك تۇپراق» دەپ ئاتالغان قاناس، دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى كۆكتوقاي، ۋۇسەيتەن قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بار؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا نارات يايلىقى، قاراجون يايلىقى قاتارلىقلار بار؛ قەشقەر ۋىلايىتىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ھېيتگاھ مەسچىتى، مۇزتاغ چوققىسى، قونجىراپ پورتى قاتارلىقلار بار.

مافېڭۋو ساياھەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى فېڭ راۋنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ يازدا سالقىن بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈشتىن ساقلىنىشقا باب كېلىدىكەن، ھەر يىلى 6- ئايدىن 10- ئايغىچە ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى ھېسابلىنىدىكەن. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە تۆمۈريول ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. <ئۇچقاندەك ھايات> قاتارلىق شىنجاڭدا سۈرەتكە ئېلىنغان كىنولار قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ساياھەتچىدە شىنجاڭغا نىسبەتەن تەلپۈنۈش پەيدا بولدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئۈچ مەنزىلگاھنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ساياھەتتە قىزىق مەنزىلگاھقا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4