جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «ئاسماندىكى نامراتلارنى يۆلەش يولى» خوتەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ھەمدەم بولدى

مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىش     كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «ئاسماندىكى نامراتلارنى يۆلەش يولى» خوتەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ھەمدەم بولدى

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ سىۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئىككى توننىغا يېقىن 84 يەشىك چىلان خوتەن ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلانغا قاچىلىنىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىنەنگە توشۇلدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمىنىڭ سېتىش دىرېكتورى ليۇ لىلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6- ئاي كىرىشى بىلەن، خوتەننىڭ ئۆرۈكى ھەم باشقا مېۋە - چېۋىلىرى زور تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى، 6 - ئاينىڭ بېشىدا خوتەندىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلغان مال 38.7 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %480 ئاشتى.

خوتەن ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق، پاختا، باغ - ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، لېكىن ئىچكىرىدىكى بازارلاردىن يىراق بولغاچقا، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، خاس بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ رولىنى چەكلەپ قويغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، خوتەندىن ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئۇدا ئېچىپ، «ئاسماندىكى نامراتلارنى يۆلەش يولى» تەسىس قىلىپ، خوتەننىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس مەھسۇلاتلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى شەھەرلەرگە ئايروپىلان بىلەن توشۇدى.

بۇ يىل 3- ئايدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خوتەندىن گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، جېڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، خوتەندىن يولغا چىقىدىغان قاتناش نۇقتىسى توققۇزغا كۆپەيتىلىپ، ھەر ھەپتىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 70كە يەتتى. نۆۋەتتە، خوتەننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو، غەربىي جەنۇب، جەنۇبىي جۇڭگودىن ئىبارەت بەش چوڭ تەۋەلىكنى قاپلىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خوتەندە توشۇغان يولۇچى سانى 590 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشقان؛ توشۇلغان پوچتا مېلى 629 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36 ئاشقان. بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ تىرانسپورت كۈچى ۋە ئاۋىياتسىيە سېلىنمىسىنىڭ خوتەن بازىرىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تېخىمۇ كەڭ ئەلا سۈپەتلىك بازار ئېچىلغان.

خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا ھەمدەم بولۇش بىلەن بىللە، «ئاسماندىكى نامراتلارنى يۆلەش يولى» ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئالاقىدار كەسىپلەرنى خوتەن ۋىلايىتىگە پائال كىرگۈزدى.

نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان گۇما ناھىيەسىدىكى توققۇز كەنتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئاۋىياتسىيە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ سودىگەر جەلپ قىلىپ زاۋۇت قۇرۇش، كەنتكە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، «ئاۋىياتسىيە يېتەكچى بولۇش، كەسىپلەر تۈرتكە بولۇش، مائارىپنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، غەمخورلۇق قىلىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، نامراتلارنى پاك يۆلەش»تەك نامراتلارنى يۆلەش خاس ئەندىزىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى 11 مىڭغا يېقىن كەنت ئاھالىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى. قاراقاش ناھىيەسىدە، 2018- يىلى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئالتە كارخانىنى كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك مەبلەغدىن 230 مىليون يۈەننى كىرگۈزۈپ، 1800گە يېقىن ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، 700دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈكى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈمى قاتارلىق 850 مىڭ يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالدى، ئىككى ناھىيەنىڭ ياڭاق، چىلان، شۆجۈ قاتارلىق 1 مىليون 400 مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

يېقىنقى بەش يىلدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خوتەن ۋىلايىتىدە جەمئىي 40 مىليون 900 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سېلىپ، 170 مىليون يۈەنگە يېقىن تۈرلۈك مەبلەغنى كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى - ئاقسۇ - خوتەن، ئاقسۇ - خوتەن - قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدە ئۇلانما ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئاچتى ھەمدە خوتەندىن تيەنجىن، شىئەن، گۇاڭجوۋ، جېڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھاۋا لىنىيەسىنى ئاچتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 47 مىڭدىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش كادىرى، ئىشچى - خىزمەتچىسىگە «جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى مىڭجۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كارتىسى» بېجىرىپ بەردى، «ئاسماندىكى نامراتلارنى يۆلەش تېز يولى» قۇردى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4