ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئورۇن تەرتىپىنىڭ 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، توردا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرغان، 21 پەن گۇرۇپپىسى ۋە تېخنىكا كاپالەت گۇرۇپپىسى، باشقۇرۇش - ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تۈزۈپ چىققان، تەشكىلىي باشقۇرۇش، خىزمەت تەرتىپى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 1300دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتۇرغان، ھەرقايسى پەن گۇرۇپپىسى ئىلمىي، مۇۋاپىق نومۇر قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. تاللاش سوئالىدىن باشقا سوئاللارنىڭ ھەممىسىدە بىر سوئالنى بىر نەچچەيلەن تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نومۇر قويۇشى بىردەك بولغاندىن كېيىن، بۇ سوئالنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى قىلىنىپ ھېسابلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، پەن گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ياكى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى «بىردەك بولۇش دەرىجىسى» «ئۈنۈملۈك بولۇش دەرىجىسى» قاتارلىق نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق ھەربىر ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ نۇقتىدا تۇرۇشلۇق ئىمتىھان قەغىزى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش خادىمى ھەرقايسى پەن گۇرۇپپىسىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئىختىيارىي تەكشۈرىدۇ ۋە ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، پەن گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئوقۇپ باھالاش ئەھۋالىنىمۇ ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە ئۆز پېنىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكرار تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. قاتلاممۇقاتلام ئارىلاپ تەكشۈرۈش، قاتتىق تەكرار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشتە خاتالىق بولماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي جەريانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئورۇن تەرتىپىنىڭ 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4