جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنىڭ دائىملىق قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  5- ئاينىڭ 11- كۈنى، كورلا ۋوگزالىدا W82523- قېتىملىق يۈك پويىزى يولغا چىقىش تەييارلىقى قىلماقتا. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئېغىرلىقى 10 مىڭ توننىغا يېتىدىغان W82523- قېتىملىق يۈك پويىزى كورلا ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، ئاقسۇ ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنىڭ دائىملىق قاتنىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   تۆمۈريول تارمىقىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 3- ئايدا 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى قاتناشنى باشلىغان ھەم 5- ئايدا 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزى رەسمىي قاتناپ، كورلا - قەشقەر، ئاقسۇ - قەشقەر قاتارلىق بۆلەكلەردە دائىملىق قاتناشنى باشلىغان، پىلان بويىچە، كۈندە بىردىن ئىككىگىچە پويىز قاتناپ، يولۇچى ۋە يۈك پويىزلىرىنىڭ راۋان قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (دىڭ لېي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4