ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 19 مىليارد 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى

  «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» يېزا مەكتەپلىرىنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى ئىگەرچى كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرگىنىمىزدە، ئۇسسۇل سىنىپى، مۇزىكا سىنىپى، ئىلىم - پەن تەجرىبىخانىسى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق دەرسخانىدا بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۇرۇژۇك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە بالىلارنىڭ خۇشال ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  «بىزنىڭ مەكتىپىمىز پۈتۈن كەنتتىكى ئەڭ چىرايلىق جاي.» مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، 6- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نەفىسە راخمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ دەرس ئۆتكۈم بار.» ئەمدىلا رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئىمتىھانىغا قاتناشقان نەفىسەنىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقانىدى.

  «مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ياخشىلاندى، بارغانسېرى كۆپ ئوقۇتقۇچى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغان بولدى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىمۇ مۇقىم ئۆستى.» ئىگەرچى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى زۇمرەگۈل پەرھاتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» (نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش) قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، مەكتەپ يېڭىدىن ئوقۇتۇش بىناسى، ئاشخانا، تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىقلارنى سالغان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى ئىككى يىل بۇرۇنقى 230دىن 348گە كۆپەيگەن. «ھەر ھەپتىنىڭ 4- كۈنى بىز <ئاتا - ئانىلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى> پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاتا - ئانىلارنى مەكتەپ ئاشخانىسىغا كېلىپ تاماق تەييارلاپ، غىزالىنىپ، بالىلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى!» دېدى زۇمرەگۈل.

  ئىگەرچى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭلا كونا قىياپىتى يېڭىلىنىپ قالماي، بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، يېزا مەكتەپلىرىدە قاتار - قاتار چىرايلىق ئوقۇتۇش بىنالىرى قەد كۆتۈردى، ئازادە، يورۇق سىنىپلاردىن كىتاب ئوقۇۋاتقان جاراڭلىق ئاۋازلار تارقالدى.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2014- يىلىدىن باشلاپ «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە جەمئىي ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 19 مىليارد 490 مىليون يۈەن، تەستىقلانغان مەكتەپ بىناسى قۇرۇلۇشى كۆلىمى 6 مىليون 927 مىڭ كىۋادرات مېتىر، پۈتكەن كۆلىمى 6 مىليون 469 مىڭ كىۋادرات مېتىر، تاماملانغان ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش مەبلىغى 1 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولغان.

  ئاپتونوم رايونىمىز «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش»نى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا ئېغىر نامرات ناھىيەلەر، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرگە مايىللاشتۇرۇپ، توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايون بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا سېلىنىدىغان مەبلەغ 10 مىليارد 250 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %53ىنى ئىگىلەيدۇ. سېلىنىدىغان مەكتەپ بىناسى كۆلىمى 3 مىليون 864 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەكتەپ بىناسى كۆلىمى 7.34 كىۋادرات مېتىردىن 8.97 كىۋادرات مېتىرغا كۆپەيگەن؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قىممىتى 1116 يۈەندىن 1955 يۈەنگە كۆپەيگەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 69 ناھىيە (شەھەر، رايون) دۆلەتنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان ناھىيەلەرنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4