رەسىم قەلىمى ئارقىلىق گۈزەل يېزا-كەنت ھېكايىسىنى بايان قىلىش

  ــــ يەكەن ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسساملارنى زىيارەت

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن جىنلى

  4- ئايدا يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئازغان باغ كەنتى رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولۇپ، دېھقان رەسساملارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ قوزغىغانىدى.

  4- ئاينىڭ 6- كۈنى، دېھقان رەسسام ئابلىمىت راخمان بوياققا چىلانغان رەسىم قەلىمى بىلەن بىر تال بادام گۈلىنى سىزىۋاتاتتى. رەسىم ئاساسەن پۈتۈپ قالغانىدى، بادام مېۋىسىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن رەسىمدە بىر يىگىت لىق بىر سېۋەت بادامنى تۆكۈۋاتقان بولۇپ، مول ھوسۇل خۇشاللىقى چىقىپ تۇراتتى؛ دېھقان رەسسام نۇرئەخمەت سەمەتنىڭ رەسىم تاختىسىدا بىر جۈپ كىچىك ئاچا - سىڭىل بادام گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان دەرەخ ئاستىدا شوخ ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، ياپيېشىل بۇغدايلىق يېنىدا قاتار - قاتار كەتكەن سۇس سېرىق رەڭلىك ئەمىن ئۆيلەر بار ئىدى؛ يەنە بىر دېھقان رەسسام راخمان تۇرسۇننىڭ رەسىم تاختىسىدا تاۋۇزلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئاياللار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى...

   رەسىم قەلىمى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەش

  61 ياشلىق ئابلىمىت يەكەن ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى ئويباغ كەنتىدىكى دېھقان، شۇ كۈنى ئۇ دەرەخ ئاستىدا ئۈچ سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن رەسىم سىزدى، ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ ئۇنىڭدىن زوقلاندى.

  ئابلىمىت 12 يېشىدا رەسىم سىزىشقا ئامراق بولۇپ قالغان، ئەينى ۋاقىتتا كەنتتىكى مويسىپىتلار گۈل بەرگى ۋە يېشىل يوپۇرماقنىڭ سۈيىنى سىقىپ ياسىغان بوياقتا سىزغان رەسىملەرنىڭ رەڭگى بەك چىرايلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ قەلبىگە گۈزەللىك ئۇرۇقىنى چاچقانىدى.

  يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ گۈزەل سەنئەت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مۇختەر جۈمە ئابلىمىتنىڭ رەسىمىگە «تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق» دەپ باھا بەردى. رەسىم سىزىشنى ئەمدىلا ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، ئابلىمىت نېمىنى سىزىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، مەلۇم بىر كۈنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشتەك بىر ھېكايىسى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەسىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، مەن رەسىمگە جان كىرگەنلىكىنى بايقىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يۆنىلىشىمنىڭ دەل ئەتراپىمدىكى ئىشلارنى سىزىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم».

  ئابلىمىت يۇرتداشلارنىڭ ھېكايىسىنى سىزىپلا قالماستىن، يەنە ئەتراپىدىكى «چوڭ ئىش»لارنى سىزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن كېسەك ئۆيلەردىن ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ھويلا - ئارانلىرى پاكىز، رەتلىك بولدى، كۆكتاتلىقىدىكى كۆكتاتلار بولۇق ئۆستى، قوتان، كەپتەر كاتەكلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى تەل بولدى، ئابلىمىت بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزىپ چىقتى. «2016- يىلى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن تېلېۋىزورنى تاپشۇرۇۋالدى، مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇشال چىرايىنى سىزىۋالدىم» دېدى ئۇ مۇخبىرغا.

  تاشيوللار ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى، كەنتتە كىچىك مەيدان بار بولدى، كۆپچىلىك تۇنجى قېتىم سەبدەرگۈل تېرىپلا مول ھوسۇل ئالدى... مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئابلىمىت رەسىم قەغىزىگە خاتىرىلەپ ماڭدى.

  ئابلىمىتنىڭ رەسىملىرى كۆپ قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دېھقان رەسساملار رەسىم كۆرگەزمىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ «ئوۋچىنىڭ ئوۋ ئوۋلىشى» ناملىق رەسىمى 2000 يۈەنگە سېتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ رەسىم سىزىپ يىلدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، ئابلىمىتنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان بەزى رەسىملىرىنى باشقىلار سېتىۋالدى، بەزىلىرىنى ئۇ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەر ۋە قوشنىلىرىغا سوۋغا قىلدى، يەنە بەزىلىرىنى ئۆزى ساقلاپ قويدى. «بىكار بولۇپ قالسام، بىر - بىرلەپ كۆرۈپ چىقىمەن، رەسىمدىكى ئىشلارنى ئويلىسام، كۆڭلۈم بەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ» دېدى ئۇ.

  يېقىنقى يىللاردا، كەنتتىكى ياشلاردىن ئون نەچچىسى ئابلىمىتتىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەندى، ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىرگە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ رەسىم سىزىش ماھارىتى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلايدۇ.

     يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشنى جانلىق نامايان قىلىش

  32 ياشلىق دېھقان رەسسام نۇرئەخمەت سەمەتنىڭ رەسىمى زامانىۋى پۇراققا تولغان، رەسىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ كىيىنىشى مودا، تور يېزىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش، ياشلارنىڭ يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رەسىم تېمىسى بولغانىدى.

  «ياش دېھقان رەسساملار پېشقەدەملەرنىڭ رەسىم سىزىش ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلدى، لېكىن ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىلەش مەزمۇنىدا ئاز - تولا يېڭىلىق بار.» مۇختەر مۇنداق دېدى: يەكەن ناھىيەسى ياش دېھقان رەسساملارنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ رەسىم قەلىمىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتى ھەمدە يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  نۇرئەخمەت يەكەن ناھىيەسى باغئاۋات يېزىسىدىكى تېرىقچىلىق ماھىرى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى رەسىم سىزىشقا تايىنىپ بېيىغان قابىل كىشى. رەسىم تاختىسىدا رەسىم سىزغاندىن سىرت، ئۇنىڭ تامغا رەسىم سىزىشتەك تېخىمۇ قالتىس ھۈنىرى بار، ئۇ ئىلگىرى شۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق كەنتتە تامغا رەسىم سىزغان.

  «يۇرتداشلار ئۆز ئۆيىنىڭ تېمىغا چىرايلىق رەسىملەرنىڭ سىزىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن كەنت مېنى مەدەنىيەت تېمى سىزىشقا تەكلىپ قىلدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا مەن بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پارچە تام رەسىمىنى پۈتتۈرۈپ، 2100 يۈەن پۇل تاپتىم.

  گۈزەللىك يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، تام رەسىمى سىزىش ھەر يىلى نۇرئەخمەتكە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ يەنە قۇم قاتما رەسىم، قاپاققا رەسىم سىزىش قاتارلىق يېڭى ھۈنەرلەرنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كىرىم قىلىش يوللىرى بارغانسېرى كېڭىيىۋېتىپتۇ.

    دېھقانلار رەسىملىرىنى سىرتقا چىقىرىش

  يەكەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلار رەسىمى بازىسى، ھەربىر كەنتتە دېھقان رەسسام بار، ناھىيەدە رويخەتكە ئېلىنغان دېھقان رەسسام 100دىن ئاشىدۇ.

  «دېھقانلار رەسىمى يەكەننىڭ يېزا - كەنتلىرىدە كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك شەكىلگە ئايلاندى.» يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى دېھقانلار رەسىمى ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەر يىلى ئۈچ - تۆت قېتىم تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كۇرسانتلارنى تاماق، ياتاق ۋە بوياق، رەسىم قەلىمى، رەسىم قەغىزى قاتارلىقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، داڭلىق رەسساملارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى دېھقان رەسساملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

  دېھقانلار رەسىمى كەسپىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن رەسساملارنى ئۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا يەكەن ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كۆپ قېتىم دېھقان رەسساملارنى ئۈرۈمچى، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىقلارغا تەشكىللىدى، يەنە تۈجۈپىلەپ تاللانغان دېھقانلار رەسىملىرىدىن كالېندار ئىشلەتكۈزۈپ ساتتى، بارلىق ئاماللار بىلەن دېھقانلار رەسىملىرىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ چوڭ بازار ئۈستىدە ئىزدەندى.

  «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تېخىمۇ كۆپ دېھقان رەسساملارنى تەربىيەلەپ، گۈزەللىك ۋە سەنئەتنى يېزا - كەنتلەرنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرىمىز. ئامالنىڭ بارىچە دېھقانلار رەسىملىرىنى تېخىمۇ چوڭ بازارغا كىرگۈزۈپ، رەسساملارنى ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىمىز» دېدى مۇختەر.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4